×

‫ئىسلام ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ دىنىدۇر (ئۇيغۇرچە)

تەييارلىق:

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

‫ئىسلام ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ دىنىدۇر.

‫رەببىڭىز كىم؟.

بۇ كائىناتتىكى ئەڭ بۈيۈك سوئال بولۇپ، ئىنسان جاۋابىنى بېلىشى ۋاجىپ بولغان مۇھىم سوئالدۇر.

رەببىمىز ئاسمانلار ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن يامغۇر سۇلىرىنى چۈشۈردى، ئۇنىڭ بىلەن بىزگە ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىكىنى ۋە بارلىق جانلىقلارنىڭ ئوزۇقلىقىنى چىقىرىپ بەردى.ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە ئەجدادلىرىمىزنى، شۇنداقلا كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياراتتى. ئاللاھ تائالا كېچە بىلەن كۈندۈزنى قىلدى، كېچىنى ئارام ئالىدىغان ۋە ئۇخلاپ راھەتلىنىدىغان ۋاقىت قىلدى، كۈندۈزنى تۇرمۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقىت قىلدى.ئاللاھ تائالا بىزگە قۇياش ۋە ئاينى، يۇلتۇز ۋە دىڭىزنى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەردى. بارلىق جانلىقلارنى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن قىلدى، ئۇلاردىن بەزىسىنىڭ گۆشىنى يەيمىز، سۇتلىرىنى ئېچىمىز ۋە ئۇنىڭ يۇڭلىرىدىن پايدىلىنىمىز.

‫ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى قايسى؟.

ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ بارلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتتى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھەقكە ۋە توغرا يولغا ھىدايەت قىلدى، ئۇ بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىنى كونتۇرۇل قىلغۇچىدۇر. ئۇلارغا رىزىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، دۇنيا ھاياتى ۋە ئاخىرەتتىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر، ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۇلكىدۇر، ئاللاھدىن باشقا ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۇلكىدۇر.ئاللاھ دائىم ھاياتتۇر. ۋاپات بولمايدۇ ۋە ئۇخلىمايدۇ، پۈتۈن كائىناتنىڭ ۋە ھاياتلىقنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەممە نەرسىنى سىغدۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ تائالاغا ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ.ئاللاھ تائالانىڭ ھېچ ئوخشىشى يوقتۇر، ئۇ ئاللاھ ھەممە تاۋۇشلارنى ئاڭلىغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى كۆرگۈچىدۇر، ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ئۈستىدە ئۆز خەلقىدىن بىھاجەتتۇر، مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالاغا ئېھتىياجلىقتۇر، ئاللاھ مەخلۇقىغا ئالماشمايدۇ، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھنىڭ زاتىغا ئالماشمايدۇ.رەببىمىز، كۆز ئالدىمىزدىكى مۇشۇ ئالەمنى ھېچ بۇزۇلمايدىغان ئىنچىكە، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پۇختا تەڭپۇڭلۇق بىلەن ياراتتى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا بولسۇن ياكى ھايۋانلارنىڭ شەكىللىنىشىدە بولسۇن ياكى ئەتراپىمىزدىكى قۇياش سېستىمىسى، يۇلتۇزلار ئالىمى ۋە باشقا كائىناتلارنىمۇ تەرتىپلىك ياراتقۇچىدۇر.

ئاللاھدىن باشقا چوقۇنىدىغان ۋە ئىبادەت قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈنمۇ قىلچە پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۆزىگە چوقۇنغانلارغا پايدا يەتكۈزسۇن ياكى ئۇلاردىن زىياننى دەپئى قىلسۇن؟!

‫رەببىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققى نېمە؟.

ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى، ئۇلار يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىقى، ئاللاھدىن باشقا ھېچ نەرسىگە چوقۇنماسلىقى، ئىبادەتتە ئاللاھقا ئىنساننى ياكى تاشنى، ھەيكەلنى ياكى ئاي-يۇلتۇزنى شۇنداقلا ھېچ قانداق بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكى كېرەك، بەلكى بارلىق ئىبادەتلەرنى ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خالىس قىلىشى لازىم.

‫ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ئۈستىدىكى ھەققى نېمە؟.

ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ئۈستىدىكى ھەققى: ئۇلار يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا دۇنيادا تىنچلىق، خاتىرجەملىك، ئارامدىللىق، رازىلىق بولىدىغان ئېسىل، گۈزەل ھايات ئاتا قىلىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا ئۇلارنى نېمەتلىرى ئۈزۈلمەيدىغان ئەبەدىي قالىدىغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلسا، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى بەختسىزلىك، سېقىلىش، ئازاپ ئېچىدە قىلىدۇ گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنى بەخت-سائادەت، راھەتتە ياشاۋاتىمىز دەپ ئويلاپ قالسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە ئۇلارنى ھەرگىز چېقىپ كېتەلمەيدىغان دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇلار دوزاختا ئەبەدىيلىك ئازاب ۋە مەڭگۈلۈك بەختسىزلىك ئىچىدە ياشايدۇ.

‫ئاللاھ تائالا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ غايىسى نېمە؟

ھەقىقەتەن رەببىمىز بىزگە: بىزنى ئەڭ يۈكسەك غايە، ئالى نىشان ئۈچۈن ياراتقانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ئۇ بولسىمۇ: بىز يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز، ئاللاھ تائالا بىزنى ياخشىلىق ۋە ئىسلاھات بىلەن زېمىننى گۈللەندۈرۈشكە بۇيرىدى، ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە رەببىنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىدىكەن ۋە چوقۇنىدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى بىلمىگەن ۋە ياراتقۇچىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ، كىمكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن، ئۆزىنىڭ زېمىندا قىلىدىغان خىزمىتىنى بىلمىگەن بولىدۇ.

‫بىز رەببىمىزگە قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟.

ھەقىقەتەن رەببىمىز بىزنى بىكارغا ياراتمىدى، يارىتىپلا تاشلاپ قويمىدى، ھاياتىمىزنى بىكار ئۆتكۈزىدىغان قىلمىدى، بەلكى ئىنسانلار ئىچىدىن پەيغەمبەرلەرنى تاللاپ ئۆز قەۋمىگە ئەۋەتتى. ئەلچىلەر بولسا ئىنسانلار ئېچىدە يۈكسەك ئەخلاق ساھىبى، ئاق كۆڭۈل ۋە قەلبى پاك-ساغلام كىشىلەردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى چۈشۈردى. ئۇنىڭ جۈملىسىدىن؛ ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالانى تونۇشى زۈرۈر بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، مەخلۇقاتلار تىرگۈزىلىدىغان ھېساب-جازا بولىدىغان قىيامەت كۈنىنىڭ ئەھۋالىنى قېتىپ بايان قىلدى.پەيغەمبەرلەر ئۆز قەۋمىگە ئۇلارنىڭ رەببىگە قانداق قۇلچىلىق قىلىشنى ، ئىبادەتنى قايسى شەكىلدە، قايسى ۋاقىتلاردا قانداق ئادا قىلىشنىڭ شەكلىنى ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپ قاتارلىقلارنى بايان قىلدى. ئۇلارنى ھارام قىلىنغان يېمەك-ئېچمەك ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قاتارلىق ناچار قىلمىشلاردىن توسۇش بىلەن بىرگە ئېسىل ئەخلاق ۋە يۈكسەك پەزىلەتكە يېتەكلىدى،

‫ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل قىلىنىدىغان دىن قايسى؟.

ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل قىلىنىدىغان دىن ئۇ ئىسلام دىنىدۇر، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ مىللىتىگە يەتكۈزگەن دىنىمۇ ئىسلام دىنىدۇر، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئىسلام دىنىدىن باشقا بىر دىننى قوبۇل قىلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىسلامنىڭ غەيرىدە ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى بولسا باتىلدۇر، ئىسلامنىڭ غەيرىدىكى دىن ئۆز ساھىبىغا مەنپەئەت قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ دۇنيا-ئاخىرەتتە ساھىبىغا بەخىتسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ.

‫ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئەركانلىرى قايسى؟.

ئاللاھ تائالا بۇ دىننى بەندىلىرىگە ئاسان قىلدى، بۇ دىننىڭ ئەڭ كاتتا ئاساسلىرى: ئاللاھنى رەببىمىز ۋە ئىلاھىمىز دەپ ئىمان ئېيتىش، ئاللاھنىڭ بارلىق پەرىشتىلىرى، كىتابلىرى، پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە تەقدىرگە ئىشىنىش، ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ شاھادەت كەلتۈرۈش، بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىش، ئەگەر يېنىدا زاكات پەرز بولىدىغان مىقداردا مال بولسا ئۇنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىش، ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش، ئەگەر يولغا قادىر بولالىسا ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىنا قىلغان كەبىگە بېرىپ ھەج قىلىش قاتارلىقلار.ئاللاھ تائالا سىزگە ھارام قىلغان شېرىك، ئادەم ئۆلتۈرۈش، زىنا، ھارام يېيىش ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېيىش قاتارلىق ئىشلاردىن يىراق بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ، بۇيرىغان ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىپ، چەكلىگەن ھارام ئىشلاردىن يىراق بولسىڭىز، سىز دۇنيادا مۇسۇلمان ئاتىلىسىز، قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا سىزگە جەننەتتە ئەبەدى قالىدىغان، داۋاملىشىپ تۇرۇدىغان چەكسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ.

‫ئىسلام دىنى مەلۇم بىر مىللەت ياكى مەلۇم بىر تۈردىكى كىشىلەرنىڭ دىنىمۇ؟.

ئىسلام بولسا ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان دىنىدۇر. بۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى باراۋەردۇر، رەڭ پەرقى يوق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئارتۇقچىلىق پەقەت ئاللاھ تائالاغا بولغان تەقۋادارلىق، سەمىمىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش بىلەن بولىدۇ.

‫ئىنسانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ سەمىمى-راستچىل ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟.

كىشىلەر پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنىڭ سەمىمى-راستچىل ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشلار بىلەن بىلىدۇ:

ئۇلار ئىلىپ كەلگەن ھەق ۋە ھىدايەتنى ئەقىل ۋە ساغلام تەبىئەت قوبۇل قىلىدۇ، ئەقىل ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە شاھىت بولىدۇ، ئۇلار ئىلىپ كەلگەن ھەقىقەتلەرنىڭ ئوخشىشىنى پەيغەمبەر-ئەلچىلەردىن باشقا ئىنسانلار ئىلىپ كەلمەيدۇ.

پەيغەمبەرلەر ئىلىپ كەلگەن ھەقىقەتتە ئىنسانلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتى مەۋجۇتتۇر، ئۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ھايات يۆلىنىشىنى توغرىلاپ، مەدەنىيەت قۇرۇلمىلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنى، ئەقلى، مال-مۈلكى ۋە يۈز-ئابرۇيىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.

پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنى ياخشىلىق ۋە ھىدايەتكە باشلىغانلىقىغا ئۇلاردىن ئەجىر-ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلار قىلغان ئەمىلىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ئۆز رەببىدىن كۈتىدۇ.

پەيغەمبەرلەر ئىلىپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ئىشەنچىلىك ھەقىقەت ئىكەنلىكىدە ھېچ شۈبھى يوقتۇر، ئۇنىڭدا تەرتىپسىزلىك ۋە زىتلىق يوقتۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ، ئۇلار دەۋەت قىلغان ھەقىقەتنىڭ ئوخشىشىغا دەۋەت قىلىدۇ.

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ قوللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلايدىغان روشەن دەلىل ۋە كۈچلۈك ئىسپاتلارنى ۋە ئۇنىڭغا شاھىت بولىدىغان مۆجىزىلەرنى نامايەندە قىلىدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئۇلارنىڭ تۆگەنچىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت كاتتا مۆجىزىدۇر.

‫قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب؟.

قۇرئان كەرىم بولسا ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدۇر. قۇرئان كەرىم جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ۋاستىسى بىلەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. ئۇ كىتابتا: ئىنسانلارنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان: ئاللاھنى تونۇش، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى، ئاللاھنىڭ كىتابلىرى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى، ئاخىرەت كۈنىنى ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى-يامان بولىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەققىدە بىلىشنىڭ مۇھىملىقى بايان قىلىنىدۇ.قۇرئان كەرىمدە پەرز-ۋاجىپ بولغان ئىبادەتلەر، چەكلەنگەن ۋە ھەزەر قىلىش زۈرۈر بولغان ھارام ئىشلار، مەدھىيەلەنگۈچى ئېسىل ئەخلاقلار، سۆكەلگۈچى ناچار ئىللەتلەر، ئىنساننىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ياكى ئۇنىڭدىكى بىر سۈرىگە ئوخشاش سۈرىنى كەلتۈرۈش توغرىسىدا دوئىل ئېلان قىلغان مۆجىزە كىتابتۇر. بۇ كىتاب قىيامەت كۈنىگىچە نازىل قىلىنغان لۇغەت بويۇنچە ئۇنىڭدىن بىرەر ھەرىپ كېمەيتىلمەستىن ياكى زىيادە قىلىنماستىن ياكى ئۆزگەرتىلمەستىن مۇكەممەل شەكىلدە ساقلانغۇچى ۋە مۇھاپىزەت قىلىنغۇچىدۇر.

‫ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش ۋە ھېساب بېرىشنىڭ دەلىلى نېمە؟.

سىز ھېچ قانداق ئۆسۈملۈك يوق چۆل زېمىنغا قارىمامسىز؟، ئۇ زېمىنغا يامغۇر چۈشسە، زېمىن يېرىلىپ ئۇنىڭدىن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈپ چېقىدۇ، مۇشۇنداق چۆل زېمىننى گۈللەندۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى تېرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر.ھەقىقەتەن ئىنساننى ئېتىبارسىز قەترە سۇدىن ياراتقان ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنىدە تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر. ئۇنىڭ قىلغان ئەمىلىگە كۆرە لايىقىدا مۇكاپاتلايدۇ. ئەگەر ئەمىلى ياخشى بولسا مۇكاپاتى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر ئەمىلى ناچار بولسا مۇكاپاتىمۇ شۇنىڭغا كۆرە بولىدۇ.ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى، زېمىنلارنى ، يۇلتۇزلارنى ياراتقان ئاللاھ ئىنساننى قايتىدىن تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر، چۈنكى ئىنساننى ئىككىنچى قېتىم قايتىدىن پەيدا قىلىش ئاسمان ۋە زېمىنلەرنى يارىتىشتىن ئاساندۇر.

‫قىيامەت كۈنىدە نېمە ئىشلار بولىدۇ؟.

ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارنى قەبرىسىدىن تېرىلدۈرۈپ ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە ھېساب ئالىدۇ، پەيغەمبەرگە ئىشەنگەن ۋە ئەگەشكەنلەرنى كاتتىلىقىدىن ۋە نېمەتلىرىنىڭ موللىقىدىن ئىنسان ئەقلى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دائىملىق قارارگاھ بولغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. پەيغەمبەرلەرگە ئىشەنمىگەن، ئىنكار قىلغان كاپىر بەدبەختلەرنى ئىنسان ئەقلى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئازابى ئەبەدىي بولغان دوزاخقا كىرگۈزىدۇ. ئىنسان جەننەت ياكى دوزاخقا كىرسە ئۇ يەردە ئەبەدى ئۆلمەيدۇ، ئۇ يەردە دائىملىق نېمەت ياكى ئۈزلۈكسىز ئازابتا بولىدۇ.

‫ئىنسان مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئىسلامغا كىرمەكچى بولسا نېمە قىلىشى كېرەك؟، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە پائالىيەت قىلىش كېرەكمۇ ياكى مەلۇم كىشىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىش كېرەك بولامدۇ؟.

ئىنسان ھەق دىننىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ دىنى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ئۇ كىشى تىزدىن ئىسلام دىنىغا كېرىشكە ئالدىرىشى لازىم، چۈنكى ئەقىللىق ئىنسانغا ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندا، ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەستىن دەرھال ئۇنىڭغا ئالدىرىشى زۆرۈردۇر.ئىسلام دىنىغا كېرىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئۈچۈن، ئالاھىدە بىرەر پائالىيەت قىلىش، بۇنىڭغا مەلۇم شەخسلەرنىڭ ھازىر بولۇپ قاتنىشىشى كېرەك بولمايدۇ، لېكىن دىنغا كېرىش ئىشىغا مۇسۇلمان كىشى شاھىت بولسا ياكى بىرەر ئىسلام مەركىزىدە ئېلىپ بارسا ئۇ ياخشىلىق ئۈستىگە ياخشىلىق، نۇر ئۈستىگە نۇر بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا:(ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ) ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ دېسە كۇپايە قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا بۇيرىغان پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى مۇكەممەل ئادا قىلىش ئۈچۈن دىننىڭ قالغان قىسمىنى تەدرىجى ئۈگىنىدۇ.

‫ئىسلام ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ دىنىدۇر.

‫رەببىڭىز كىم؟.

‫ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى قايسى؟.

‫رەببىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققى نېمە؟.

‫ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ئۈستىدىكى ھەققى نېمە؟.

‫ئاللاھ تائالا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ غايىسى نېمە؟

‫بىز رەببىمىزگە قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟.

‫ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل قىلىنىدىغان دىن قايسى؟.

‫ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئەركانلىرى قايسى؟.

‫ئىسلام دىنى مەلۇم بىر مىللەت ياكى مەلۇم بىر تۈردىكى كىشىلەرنىڭ دىنىمۇ؟.

‫ئىنسانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ سەمىمى-راستچىل ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟.

‫قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب؟.

‫ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش ۋە ھېساب بېرىشنىڭ دەلىلى نېمە؟.

‫قىيامەت كۈنىدە نېمە ئىشلار بولىدۇ؟.

‫ئىنسان مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئىسلامغا كىرمەكچى بولسا نېمە قىلىشى كېرەك؟، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە پائالىيەت قىلىش كېرەكمۇ ياكى مەلۇم كىشىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىش كېرەك بولامدۇ؟.

معلومات المادة باللغة العربية