Description
مېنى كىم ياراتتى؟ نېمە ئۈچۈن؟.ھەممە نەرسە ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا دالالەت قىلىدۇ
باشقا تەرجىمىلەر 37
ئاسمان- زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان چەكسىز مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتتى؟.
ئاسمان - زېمىندىكى ئىنچىكە ۋە قۇسۇرسىز قۇرۇلمىنى كىم بەرپا قىلدى؟.
ئىنساننى كىم ياراتتى؟ ئۇنىڭغا كۆز، قۇلاق، ئەقىلنى كىم بەردى؟ ئۇنى كىم ھەقىقەتلەرنى بىلىدىغان، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا قادىر بولىدىغان قىلدى؟.
جىسمىڭىزدىكى ۋە كائىناتتىكى جانلىقلارنىڭ جىسمىدىكى ئىنچىكە قۇرۇلمىلارنى كىمنىڭ قۇراشتۇرغانلىقى ۋە پەيدا قىلغانلىقىنى قانداق ئىزاھلايسىز؟.
مۇشۇ كاتتا كائىنات يىللاردىن بىرى ئۆزىنىڭ ئىنچىكە ئېنىق بېكىتىلگەن سېستىمىسى بويۇنچە قانداق داۋام قىلىدۇ؟.
ھاياتلىق، ئۆلۈم، (ھاياتلارنىڭ نەسىللىنىشى، ئەۋلاد قالدۇرىشى، كېچە، كۈندۈز، پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشى) قاتارلىق مۇشۇ ئالەمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پىرىنسىپنى كىم بېكىتتى؟.
مۇشۇ كاتتا كائىناتنى كائىناتنىڭ ئۆزى پەيدا قىلدىمۇ؟ ياكى تاسادىپى پەيدا بولۇپ قالدىمۇ؟ ۋەياكى ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغان بىر نەرسە پەيدا قىلدىمۇ؟.
نېمە ئۈچۈن ئىنسان ئۆزى كۆرمىگەن(ئىدراك قىلىش، ئەقىل، روھ، تۇيغۇ ۋە سۆيگۇ قاتارلىق) نەرسىلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ؟، چۈنكى ئىنسان ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەمەس پەقەت ئەسىرىنى كۆرىدىغان تۇرسا؟، ئىنسان قانداقمۇ مۇشۇ كاتتا كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ؟ھالبۇكى ئىنسان ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىلىرىدە، قىلغان ئىشلىرىدا ۋە رەھىم-شەپقەت قىلىشىدا ئۇنىڭ ئەسىرىنى كۆرىدىغان تۇرسا!؟.
ئەقىل ئىگىسىگە: بۇ ئۆي ئۆزلىكىدىن ياسىلىپ قالغان دېسە، ياكى يوق نەرسە بۇ ئۆينى پەيدا قىلدى دېسە، بۇ سۆزنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇنداقتا بەزى ئىنسانلار بۇ كاتتا كائىناتنى ھېچ بىر ياراتقۇچىسىز پەيدا بولغان دېگەن سۆزگە قانداق ئىشىنىدۇ؟.ئەقىل بىلەن تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ كائىنات تاسادىپى پەيدا بولۇپ قالغان دېسە ئەقىل ساھىبى بۇنى قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:(أَمۡ خُلِقُواْ مِنۡ غَيۡرِ شَيۡءٍ أَمۡ هُمُ ٱلۡخَٰلِقُونَ، أَمۡ خَلَقُواْ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۚ بَل لَّا يُوقِنُونَ). تەرجىمىسى: «ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ».[سۈرە تۇر 35-36-ئايەتلەر].
بۇ يەردە بىرلا رەب ۋە ياراتقۇچى بار، ئۇنىڭ كەمالىيىتىنى بىلدۈرىدىغان گۈزەل ئىسىم ۋە ئالى سۈپەتلىرى بولۇپ، ئۇ زاتنىڭ ئىسىملىرىدىن: ياراتقۇچى، رەھىم-شەپقەت قىلغۇچى، رىزىق ئاتا قىلغۇچى، ئېسىل-سېخى دېگەن ئىسىملاردۇر. شۇنداقلا؛ "ئاللاھ" دېگەن ئىسىم رەب تائالانىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىسىملىرىدىندۇر. ئۇنىڭ مەنىسى: ھېچ شېرىكى يوق يەككە-يىگانە، ئىبادەتكە ھەقلىق بولغۇچى زات دېمەكتۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:﴿قُلۡ هُوَ ٱللَّهُ أَحَدٌ ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئۇ، ئاللاھ بىردۇر.* ٱللَّهُ ٱلصَّمَدُ ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر.*لَمۡ یَلِدۡ وَلَمۡ یُولَدۡ ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس.*وَلَمۡ یَكُن لَّهُۥ كُفُوًا أَحَدُۢ﴾ ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.[سۈرە ئىخلاس 1-4- ئايەتكىچە].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿اللَّهُ لا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلا نَوْمٌ لَهُ مَا فِي السَّمَوَاتِ وَمَا فِي الأَرْضِ مَنْ ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلا يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضَ وَلا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ﴾ «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تېرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ(مۈلكى) دۇر، ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى (ئاللاھ قەدىمىنى قويىدىغان ئورۇن) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.»[سۈرە بەقەرە 255-ئايەت].
رەببىمىز ئاللاھ زېمىننى ياراتتى ۋە بويسۇندۇردى، ئۇنى مەخلۇقاتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە يارايدىغان قىلدى، ئاسمانلارنى ۋە ئۇنىڭدىكى كاتتا مەخلۇقاتلارنى ياراتتى، قۇياش، ئاي، كېچە، كۈندۈز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كاتتىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىنچىكە قائىدە-پىرىنسىپلەرنى قىلدى.
ئاللاھ بىزگە ھاۋانى بويسۇندۇرۇپ بەردى، ھاۋاسىز بىزگە ھاياتلىق بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق دېڭىز، دەريا، ئوكيانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا ھېچ قانداق كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولمىغان تۆرەلمە ھالىتىمىزدە ئىكەن بىزنى غىزالاندۇردى ۋە ھىمايە قىلدى. ئاللاھ بىز دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپ ۋاپات بولغانغا قەدەر قەلبىمىزنى رىتىملىق ھەرىكەتلىنىدىغان ۋە تومۇرلىرىمىزدە ئۈزلۈكسىز قان ئايلىنىدىغان قىلدى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿وَاللَّهُ أَخْرَجَكُمْ مِنْ بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ لَا تَعْلَمُونَ شَيْئًا وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾ «ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، ئاللاھ سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى».[سۈرە نەھىل 78-ئايەت].
ياراتقۇچىمىز ئاللاھ بىزگە ئۆزىنىڭ كاتتىلىقىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن ئەقىل ئاتا قىلدى، بىزدە ئۆزىنىڭ مۇكەممەللىكىنى بىلدۈرىدىغان تۇغما تەبىئەت يېتىلدۈردى، رەببىمىز ھەرگىزمۇ ناقىس-كەمچىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ.
ئاللاھ تائالا ئىبادەتكە تولۇق ھەقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىبادەت چوقۇم يالغۇز بىر ئاللاھقىلا قىلىنىشى لازىم. ئاللاھنىڭ باشقا مەبۇدلارنىڭ ھەممىسى باتىل، ناقىس ، ئۆلىدىغان ۋە يوقىلىدىغان نەرسىلەردۇر.
ئىبادەت قىلىنغۇچى مەبۇدنىڭ ئىنسان ياكى بۇت-ھەيكەل ، دەرەخ ياكى ھايۋان بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ.
ئەقىل ئىگىسىنىڭ ھەممىدىن كامىل بولغان زاتقىلا ئىبادەت قىلىشى لايىق بولىدۇ. ئۇنىڭ غەيرىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش ياكى ئۆزىدىنمۇ تۆۋەنرەك بولغان ناقىس، كەمچىل بىر مەخلۇققا چوقۇنىشى توغرا بولمايدۇ.
رەب تەئالا ئانىنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمىگە ئوخشاش ۋە ئۇ تۇغۇلغاندەك تۇغۇلىدىغان بولىشى مۇمكىن ئەمەستۇر.
رەببىمىز ئاللاھ مەخلۇقاتلارنى ياراتتى، مەخلۇقاتلار رەببىمىزنىڭ چاڭگىلىدا ۋە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىدۇر. ئىنسانلار ئۇنىڭغا ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ھېچ بىر كىشىنىڭ ئاللاھنى دارغا ئېسىشى، ئازابلىشى ۋە ئىھانەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەستۇر.
رەبنىڭ ئۆلىشى مۇمكىن بولمايدۇ.
رەب تەئالا ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئۇخلىمايدۇ، يېمەك يىمەيدۇ. رەببىمىز ھەممىدىن كاتتا زات بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىسى بولىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. ياراتقۇچى زاتنىڭ كاتتا سۈپەتلىرى بولۇپ، ئۇنى ئەبەدى كەمچىلىك، ھاجەتمەنلىك سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەش مۇمكىن ئەمەستۇر. پەيغەمبەرلەرگە نىسبەت بېرىلگەن ھەرقانداق دەلىل ئىسپاتلار ياراتقۇچى زاتنىڭ كاتتىلىقىغا زىت كېلىدىغان دەلىل بولىدىكەن، ئۇ ئۆزگەرتىلگەن، ئالماشتۇرۇلغان سۆزلەر بولۇپ، ھەرگىزمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام ياكى ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ۋەھىينىڭ جۈملىسىدىن ئەمەستۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:يَا أَيُّهَا النَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٌ فَاسْتَمِعُوا لَهُ إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَنْ يَخْلُقُوا ذُبَابًا وَلَوِ اجْتَمَعُوا لَهُ وَإِنْ يَسْلُبْهُمُ الذُّبَابُ شَيْئًا لَا يَسْتَنْقِذُوهُ مِنْهُ ضَعُفَ الطَّالِبُ وَالْمَطْلُوبُ (73) تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ (ئەقلى بار ئادەم قانداقمۇ مۇشۇنداق بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋېلىپ ئۇلارغا چوقۇنىدۇ!)، چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى (يەنى بۇتقا سۈركەپ قويۇلغان خۇش پۇراق بىر نەرسىنى) ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، بۇتمۇ ۋە (ئۇنىڭغا) چوقۇنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر».مَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ (74) تەرجىمىسى: «ئۇلار (ئەرزىمەس بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ) ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر».[سۈرە ھەج 73-74-ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مۇشۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسىنى مەقسەتسىز ياراتتى دېيىش ئەقىلگە ئۇيغۇن بولامدۇ؟. ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەتلىك زات بۇنى بىكارغا ياراتتىمۇ؟.
بىزنى مۇشۇنداق پۇختا قۇسۇرسىز قانۇنىيەت بىلەن تەرتىپلىك يارىتىپ ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى بىزگە بويسۇندۇرۇپ بېرىپ، بىزنى ھېچ قانداق غايە-نىشاننى مەقسەت قىلماي تاشلاپ قويىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولامدۇ!؟ بىز نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادا؟ ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلار بولىدۇ؟، بىزنى يارىتىشتىكى ئاساسلىق غايە-نىشان نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش زېھنىمىزدىكى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىشىمىز مۇھىمدۇر.
بەلكى ئاللاھ تائالا بىزگە مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ غايىسىنى ۋە ئاللاھنىڭ بىزدىن نېمىنى ئىرادە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ يالغۇز ئىبادەتكە لايىق ئىكەنلىكىنى بىزگە بىلدۈرۈش ۋە بىزنىڭ ئۆزىگە قانداق ئىبادەت قىلىشىمىزنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە ئۆزىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىسىنى يەتكۈزۈش، ياخشى ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلارنى تەلىم بېرىش ، شۇنداقلا ھاياتىمىزنىڭ گۈزەل، ياخشى ۋە بەرىكەتلىك بولىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى.
ئاللاھ تائالا نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سەمىمى-راستچىل ھەق پەيغەمبەر ئېكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان كاتتا مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدى.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۈگەنچىسى بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى.
پەيغەمبەرلەر بىز ياشايدىغان بۇ ھاياتنىڭ ئىمتىھان دۇنياسى ئىكەنلىكى، ھەقىقى ھاياتنىڭ بولسا ئۆلگەندىن كېيىن بولىدىغانلىقى توغرىسدا روشەن خەۋەر بەردى.
ئۇ يەردە يالغۇز بىر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلغان، ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەر-ئەلچىلىرىگە ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەر ئۈچۈن جەننەت بار. شۇنداقلا ئۇ يەردە ئاللاھقا ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرگەن ياكى ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە ئىنكار قىلغان، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىدىن قايسى بىرىگە بولسۇن ئىنكار قىلغان كاپىرلارغا تەييارلانغان دوزاخ بار.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
يَابَنِي آدَمَ إِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي فَمَنِ اتَّقَى وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ (35) تەرجىمىسى: «ئى ئادەم بالىلىرى! ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ».وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا أُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ (36) تەرجىمىسى: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇسىدۇر».[سۈرە ئەئراپ 35-36-ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿ أَفَحَسِبْتُمْ أَنَّمَا خَلَقْنَاكُمْ عَبَثًا وَأَنَّكُمْ إِلَيْنَا لَا تُرْجَعُونَ ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى). ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟».[سۈرە مۆمىنۇن 115-ئايەت].
قۇرئان كەرىم بولسا ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئىلاھىي كىتابدۇر. ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ كاتتا مۆجىزىدۇر. ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە بەرگەن خەۋەرلىرى ئىشەنچىلىكتۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ئىنكار قىلغان بەدبەختلەرگە قۇرئاننىڭ سۈرىلىرىگە ئوخشاش بىر سۈرە بولسىمۇ كەلتۈرۈش توغرىسىدا دوئىل ئىلان قىلدى. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ گۈزەللىكى ۋە پەساھىتىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك ئۇلار ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلدى. قۇرئان كەرىم ئۆز ئېچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئەقلى دەلىللەر ۋە ئىلمى ھەقىقەتلەر بۇ كىتابنىڭ ئىنسان تەرىپىدىن ئىنشا قىلىنىشىنىڭ ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بەلكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن زاماننىڭ ئەۋۋىلىدىن باشلاپ ئىنسانلارنى ئۆز رەببىگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش، رەببىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلارغا پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەۋىتى بىردەكلا: يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، قاچانكى ئۈممەتتە دىننى تەرك قىلىش ۋە پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ھەقىقەتنى خۈنۈكلەشتۈرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش، ھەتتا ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ساغلام تەبىئەتكە قايتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەۋەتەتتى. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىكنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىيامەتكىچە كىلىدىغان بارلىق ئىنسانلارغا ، ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنى تولۇقلايدىغان ۋە بەزى پىرىنسىپلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئەبەدىي شەرىئەتنى ئېلىپ كەلدى. ئاللاھ تائالا بۇ شەرىئەت رىسالىسىنىڭ قىيامەتكىچە داۋام قىلىشىغا ئۆزى كېپىل بولدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلار بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئاللاھنىڭ بارلىق كىتابلىرىغا (ئاللاھ تائالا بۇيرىغاندەك) ئىمان ئېيتىمىز.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿ءَامَنَ ٱلرَّسُولُ بِمَاۤ أُنزِلَ إِلَیۡهِ مِن رَّبِّهِۦ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَۚ كُلٌّ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَمَلَـٰۤىِٕكَتِهِۦ وَكُتُبِهِۦ وَرُسُلِهِۦ لَا نُفَرِّقُ بَیۡنَ أَحَدࣲ مِّن رُّسُلِهِۦۚ وَقَالُوا۟ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَاۖ غُفۡرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَیۡكَ ٱلۡمَصِیرُ﴾ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز) دەيدۇ. ئۇلار: بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر، دەيدۇ».[2: 285]. ]سۈرە بەقەرە 285-ئايەت[.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، بارلىق ئىنسانلارنى ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇ پەيغەمبەرلەردىن بىرىنىڭ ئەلچىلىكىگە كاپىر بولغان كىشى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە كاپىر بولغان بولىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىنى رەت قىلىشتىنمۇ ئېغىر گۇناھ بولمايدۇ. جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن چوقۇم بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىش زۆرۈر بولىدۇ.
مۇشۇ دەۋىردە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىش ۋاجىپتۇر. بۇ پەقەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرى (تۈگەنچىسى) بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: كىمكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن ھەر قانداق بىرىگە ئىمان ئېيتىشنى رەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىنى يالغانغا چىقارغان بولىدۇ، دېگەن.
تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى ئوقۇڭ:"إنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِاللَّهِ ورُسُلِهِ ويُرِيدُونَ أنْ يُفَرِّقُوا بَيْنَ اللَّهِ ورُسُلِهِ ويَقُولُونَ نُؤْمِنُ بِبَعْضٍ ونَكْفُرُ بِبَعْضٍ ويُرِيدُونَ أنْ يَتَّخِذُوا بَيْنَ ذَلِكَ سَبِيلًا تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (ئاللاھقا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ـ ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ) ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار».أُولَئِكَ هُمُ الكافِرُونَ حَقًّا وأعْتَدْنا لِلْكَفَرَيْنِ عَذابًا مُهِينًا﴾". «ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ) راستىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق».[سۈرە نىسا 150-151-ئايەتلەر].
ئىسلام بولسا ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەسلىم بولۇش، تائەت-ئىبادەتتە بويسۇنۇش، قانۇن-پىرىنسىپلىرىغا رازى بولۇپ قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى بىر نىشان-غايە ئۈچۈن ئەۋەتتى، ئۇ بولسىمۇ: ھېچ شېرىكى يوق بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئىسلام بولسا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىدۇر، ئۇلارنىڭ قانۇن-شەرىئەتلىرى پەرقلىق بولسىمۇ ئەمما ھەممىسىنىڭ چاقىرىقى بىردۇر، مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى كۈندە بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىلىپ كەلگەن بىردىن-بىر توغرا دىنغا مۇستەھكەم ئېسىلغۇچىدۇر، بۇ دەۋرىدىكى ئىسلام رىسالىسى ھەقدۇر، ئۇ بولسىمۇ رەببىمىز ئاللاھ ئەۋەتكەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدۇر. ئىسلام شەرىئىتى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دىن-شەرىئەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن كەلدى.
ھەقىقەتەن بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار چوقۇنىدىغان ئىسلامدىن باشقا بارلىق دىنلار بولسا ئىنسانلارنىڭ ئۆزى پەيدا قىلغان ئېتىقاتتۇر ياكى ئەسلى ئىلاھى دىن بولسىمۇ كېيىن ئىنسانلار ئۇنى ئۆزگەرتىپ، خۇراپات، توقۇلما، كېشىلەرنىڭ تېرىشچانلىقىلىرى ئارىلاشقان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان دىندۇر. ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسى بولسا، ئۆزگەرمەيدىغان روشەن بىر ئەقىدەدۇر. قۇرئان كەرىمگە قاراپ بىقىڭلار، ئۇ مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان بارلىق دۆلەت-رايۇنلاردا ئوخشاشلا بىر كىتاپتۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
قُلْ آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ عَلَيْنَا وَمَا أُنْزِلَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَى وَعِيسَى وَالنَّبِيُّونَ مِنْ رَبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ (84) تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەنگە (يەنى تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز».وَمَنْ يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ 85). «كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر».[سۈرە ئال ئىمران 84-85-ئايەتلەر].
شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشى، ئۇنى ياخشى كۆرىشى، ئېھتىرام قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلارنى ھېچ شېرىكى بولمىغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغان رىسالىتىگە ئىشىنىشى ۋاجىپ بولىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى، ئاللاھ تائالا ئۇلار ئارقىلىق ئىنسانلارنى توغرا يولغا ۋە جەننەتنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
بىز ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن كاتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاتا-ئانىسىز ياراتقاندەك ئاتىسىز ياراتقانلىقىدىن خەۋەر بەردى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
بىز ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلمايمىز، ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپمۇ ئېتىقاد قىلمايمىز. ئۇ ھەقىقەتتە دارغا ئېسىلمىغان بەلكى ھازىر ھاياتتۇر، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاخىر زاماندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا زېمىنغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۆز دەرگاھىغا ئىلىپ چىقىپ كەتكەن، زېمىنغا چۈشكەندە مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە بولىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلار بولسا ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىلىپ كەلگەن تەۋھىدكە ئىشەنگۈچىلەردۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ رىسالىتىنى خىرىستىئانلارنىڭ ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. خىرىستىئانلار ئارىسىدىكى ئازغۇن ئالدامچىلار ئىنجىلنى ئۆزگەرتىپ قالايمىقان قىلدى، ئۇنىڭدىكى بەزى دەلىللەرنى ئۆچۈردى، ئىسا ئەلەيھىسسالام دېمىگەن بەزى سۆزلەرنى قوشۇۋالدى. ئىنجىللارنىڭ كۆپ خىل نۇسخا بولىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر-بىرىگە زىت بولغان پەرقلىق ئىبارىلەرنىڭ بولىشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز رەببىگە ئىبادەت قىلىدىغانلىقىدىن، ھېچ كىشىدىن ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى بەلكى قەۋمىنى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىغانلىقى لېكىن شەيتاننىڭ خىرىستىئانلارنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا چوقۇنىدىغان قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. يەنە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنغان ھېچ بىر كىشىنى مەغپىرەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ قىيامەت كۈنىدە ئۆزىگە چوقۇنغانلاردىن ئادا-جۇدا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بايان قىلىدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: مەن سىلەرنى مېنى ياراتقۇچى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدۇم، سېلەردىن ماڭا ئىبادەت قىلىشنى تەلەپ قىلمىدىم دەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدۇر:
﴿یَـٰۤأَهۡلَ ٱلۡكِتَـٰبِ لَا تَغۡلُوا۟ فِی دِینِكُمۡ وَلَا تَقُولُوا۟ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡحَقَّۚ إِنَّمَا ٱلۡمَسِیحُ عِیسَى ٱبۡنُ مَرۡیَمَ رَسُولُ ٱللَّهِ وَكَلِمَتُهُۥۤ أَلۡقَىٰهَاۤ إِلَىٰ مَرۡیَمَ وَرُوحࣱ مِّنۡهُۖ فَـَٔامِنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۖ وَلَا تَقُولُوا۟ ثَلَـٰثَةٌۚ ٱنتَهُوا۟ خَیۡرࣰا لَّكُمۡۚ إِنَّمَا ٱللَّهُ إِلَـٰهࣱ وَ ٰحِدࣱۖ سُبۡحَـٰنَهُۥۤ أَن یَكُونَ لَهُۥ وَلَدࣱۘ لَّهُۥ مَا فِی ٱلسَّمَـٰوَ ٰتِ وَمَا فِی ٱلۡأَرۡضِۗ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِیلࣰا﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھنىڭ شەنىگە ھەق (سۆز) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى ئاللاھقا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىيسا ـ مەريەمنىڭ ئوغلى، پەقەت ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە ئاللاھنىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ (ئىيسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (خۇدا ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر».[سۈرە نىسا 171-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:(وَإِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ أَأَنتَ قُلْتَ لِلنَّاسِ اتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَٰهَيْنِ مِن دُونِ اللَّهِ ۖ قَالَ سُبْحَانَكَ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أَقُولَ مَا لَيْسَ لِي بِحَقٍّ ۚ إِن كُنتُ قُلْتُهُ فَقَدْ عَلِمْتَهُ ۚ تَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِي وَلَا أَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِكَ ۚ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىيسا ئېيتتى: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن. ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن».[سۈرە مائىدە 116-ئايەت].
كىمكى ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا كېرىشى ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشى كېرەك.
بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەر (ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن) بىرلىككە كەلگەن ھەقىقەتلەردىن: ئاخىرەتتە پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىشەنگەن، ئاللاھقا ئىبادەتتە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن، بارلىق پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرگە ئىشەنگەن مۇسۇلمانلار نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياشاپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىپ، تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر سالىھ مۆمىن مۇسۇلماندۇر، لېكىن ئىسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، شۇ زاماندا ياشىغان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش ۋە ئەگىشىش ۋاجىپ بولىدۇ. كىمكى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنسە ۋە ئەگەشسە ئۇلار سالىھ مۇسۇلمانلاردىن ھېسابلىنىدۇ، كىمكى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشتىن باش تارتسا ۋە مەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدا قالىمەن دېسە، بۇنداق كىشىلەر مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىشنى رەت قىلغان بولدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىن بارلىق ئىنسانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشى(ئىمان ئېيتىشى) ۋاجىپ بولىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەن رەببىمىز ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىمۇ پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنىڭ تۈگەنچىسى قىلىپ ئەۋەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە كاپىر بولۇپ، مەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن ھالىتىمدە قالىمەن دېسە ئۇ كىشى مۆمىن ھېسابلانمايدۇ.
بىر ئىنساننى مۇسۇلمانلارنى ئېھتىرام قىلىدۇ دېيىش كۇپايە قىلمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ سەدىقە قىلىشى، مىسكىنلەرگە ياردەم قىلىشى ئاخىرەتتە نىجات تىپىشىغا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ قىلغان بۇ ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن چوقۇم ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، بارلىق پەيغەمبەر-ئەلچىلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشى كېرەك، ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولۇش، ئاللاھ نازىل قىلغان ۋەھىينى رەت قىلىشتىنمۇ ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان ئاللاھنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى رەت قىلىشتىنمۇ كاتتا گۇناھ بولمايدۇ. يەھۇدى-ناسارالاردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىش-ئىمان ئېيتىشنى ۋە ئىسلام دىنىغا كېرىشنى رەت قىلغانلىرى ئاخىرەتتە ئەبەدى جەھەننەمدە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ فِي نَارِ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ أُولَـٰئِكَ هُمْ شَرُّ الْبَرِيَّةِ} تەرجىمىسى: «ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر».[سۈرە بەييىنە 6-ئايەت].
ئىنسانىيەتكە ئاللاھ تائالادىن ئەڭ ئاخىرقى رىسالەت چۈشتى، ئىسلام دىنى توغرىسىدا ئاڭلىغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشى، ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەگىشىشى، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە بۇيسۇنىشى ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى رىسالەتنى ئاڭلاپ قوبۇل قىلماستىن ئۇنى رەت قىلغان كىشىنىڭ ھېچ بىر ئەمىلى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئاخىرەتتە ئازابلايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَن یَبۡتَغِ غَیۡرَ ٱلۡإِسۡلَـٰمِ دِینࣰا فَلَن یُقۡبَلَ مِنۡهُ وَهُوَ فِی ٱلۡـَٔاخِرَةِ مِنَ ٱلۡخَـٰسِرِینَ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر».[سۈرە ئال ئىمران 85-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:(قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ تَعَالَوْا إِلَىٰ كَلِمَةٍ سَوَاءٍ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ أَلَّا نَعْبُدَ إِلَّا اللَّهَ وَلَا نُشْرِكَ بِهِ شَيْئًا وَلَا يَتَّخِذَ بَعْضُنَا بَعْضًا أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللَّهِ ۚ فَإِن تَوَلَّوْا فَقُولُوا اشْهَدُوا بِأَنَّا مُسْلِمُونَ) تەرجىمىسى: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى تەۋھىد ئەقىدىسىگە) كېلىڭلار دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى! بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار».[سۈرە ئال ئىمران 64-ئايەت].
ئىسلامغا كېرىش ئۈچۈن بۇ ئالتە ئاساسقا ئىشىنىش ۋاجىپ بولىدۇ:
ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش دېگەنلىك: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى، پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى، ھەممىنىڭ ئىگىسى، ئۇنىڭ ھېچ بىر ئوخشىشى يوق، ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىسى يوق، ئۇ يەككە-يىگانە ئىبادەتكە ھەقلىقتۇر.
پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش بولسا: ھەقىقەتەن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى نۇردىن ياراتقان، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋەھيى نازىل قىلىشنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن قىلغان.
ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان ساماۋىي كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزىلمىگەن تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق كىتاپلارغا ئىشىنىش، ئۇ كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرى بولغان قۇرئان كەرىمگە ئىشىنىشتۇر.
نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاتارلىق بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلاردۇر، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ۋھيى ئارقىلىق كۈچلاندۇردى، ئۇلارنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تۈرلۈك مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدى.
ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى ھەممەيلەننى تىرگۈزىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ خالايىقلار ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى، مۆمىنلەرنىڭ جەننەتكە ۋە كاپىرلارنىڭ دوزاخقا كېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش.
تەقدىرگە ئىشىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقى، ئۆتكەن زاماندىكى ئىشلارنى ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغاننىمۇ بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلدى، ئۇنىڭ ھەممىسىنى يازدى، ئۇنى ئىرادە قىلدى ۋە ھەممە نەرسىنى ياراتتى.
ئىسلام بولسا پەقەت ئەرەبلەرگە خاس دىن بولماستىن بەلكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىدۇر.
ئىسلام بولسا دۇنيادا ھەقىقى بەخت-سائادەتكە يېتىشنىڭ، ئاخىرەتتە بولسا دائىملىق نېمەتكە ئېرىشىشنىڭ يولىدۇر.
ئىسلام بولسا روھ بىلەن بەدەننىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ھەممە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قادىر بولىدىغان بىردىن-بىر دىندۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{قَالَ اهْبِطَا مِنْهَا جَمِيعًا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ مِنِّي هُدًى فَمَنِ اتَّبَعَ هُدَايَ فَلا يَضِلُّ وَلا يَشْقَى «ئاللاھ ئېيتتى: سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بىر-تەرجىمىسى: «بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ».وَمَنْ أَعْرَضَ عَنْ ذِكْرِي فَإِنَّ لَهُ مَعِيشَةً ضَنْكًا وَنَحْشُرُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَعْمَى «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز»[سۈرە تاھا 123-124-ئايەتلەر].
ئىسلام دىنىغا كېرىشنىڭ ناھايتى چەكسىز پايدىلىرى بار، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:
ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا قۇل بولۇشى دۇنيادا شان-شەرەپ ۋە ئۇتۇقتۇر. ئەگەر ئىسلامغا كىرمىسە نەپسى-خاھىشى، شەيتان ۋە شەھەۋەتلىرىنىڭ قۇلى بولىدۇ.
ئاخىرەتتىكى ئەڭ كاتتا نىجاتلىق: دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، جەننەتكە كېرىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۇتۇق قازىنىپ، جەننەتتە مەڭگۈ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاللاھ تائالا جەننەتكە كىرگۈزىدىغان كىشىلەر ئەبەدى بولغان دائىملىق نېمەتتە ياشايدۇ، ئۇلار ئۆلمەيدۇ، ھېچ قانداق بىر تۈردە كېسەل بولمايدۇ، دەرت-ئەلەم، غەم-قايغۇ يەتمەيدۇ، ياشىنىپ قالمايدۇ، مەقسەت قىلغان خالىغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىدۇ.
جەننەتتە ئىنساننىڭ كۆزى كۆرمىگەن، قۇلىقى ئاڭلىمىغان، ھەتتا ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپمۇ باقمىغان ئاجايىپ نېمەتلەر بار.
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى بۇنىڭ دەلىلىدۇر:﴿مَنۡ عَمِلَ صَـٰلِحࣰا مِّن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤۡمِنࣱ فَلَنُحۡیِیَنَّهُۥ حَیَوٰةࣰ طَیِّبَةࣰۖ وَلَنَجۡزِیَنَّهُمۡ أَجۡرَهُم بِأَحۡسَنِ مَا كَانُوا۟ یَعۡمَلُونَ﴾ «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز».[سۈرە نەھىل 97-ئايەت].
ئۇ ۋاقىتتا ئىنسان ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئەڭ كاتتىسىنى زىيان تارتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنى تونۇش ۋە ئاللاھنى بىلىشتىن ئىبارەتتۇر، ئىنسانغا دۇنيادا تىنچلىق، خاتىرجەملىك، ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان دائىملىق نېمەتنى ئاتا قىلغان ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىماننى زىيان تارتىدۇ.
ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا نازىل قىلغان ئۇلۇغ كىتابىغا قاراش ۋە ئوقۇشنى، شۇنداقلا بۇ كىتاپقا ئىمان ئېيتىشتىن ئىبارەت بۈيۈك نېئمەتنى زىيان تارتىدۇ.
پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشنى زىيان تارتىدۇ، شۇنىڭدەك قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشنى زىيان تارتىدۇ. جەھەننەمنىڭ ئوتىدا شەيتانلار، جىنايەتچىلەر، ھەددىدىن ئاشقۇچى تاغۇتلار بىلەن بىرگە بولىدۇ. جەھەننەم نېمە دېگەن يامان جاي، ئۇلارغا خوشنا بولغانلار نېمە دېگەن يامان خوشنا!.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
قُلْ إِنَّ الْخَاسِرِينَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَلا ذَلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ (15) تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر».لَهُمْ مِنْ فَوْقِهِمْ ظُلَلٌ مِنَ النَّارِ وَمِنْ تَحْتِهِمْ ظُلَلٌ ذَلِكَ يُخَوِّفُ اللَّهُ بِهِ عِبَادَهُ يَا عِبَادِ فَاتَّقُونِ } . «ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ (قاتتىق ئازاب) بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقىتىدۇ. ئى بەندىلىرىم! (ئازابىمدىن) قورقۇڭلار».[سۈرە زۇمەر 15-16-ئايەتلەر].
دۇنيا مەڭگۈلۈك جاي ئەمەس.
بارلىق گۈزەللىك ئۇنىڭدىن يوقىلىدۇ، ۋە بارلىق شەھۋەتلەر ئۆچۈرلىدۇ.
يېقىندا ئىلگىرى قىلغان ھەممە ئىشلاردىن ھېساب بېرىدىغان كۈن كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قىيامەت كۈنىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:{وَوُضِعَ الْكِتَابُ فَتَرَى الْمُجْرِمِينَ مُشْفِقِينَ مِمَّا فِيهِ وَيَقُولُونَ يَا وَيْلَتَنَا مَالِ هَذَا الْكِتَابِ لاَ يُغَادِرُ صَغِيرَةً وَلاَ كَبِيرَةً إِلاَّ أَحْصَاهَا وَوَجَدُوا مَا عَمِلُوا حَاضِرًا وَلاَ يَظْلِمُ رَبُّكَ أَحَدًا} تەرجىمىسى: «كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ » دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ».[سۈرە كەھەپ 49-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان بولمىغان ئىنساننىڭ بارىدىغان جايىنىڭ ئەبەدى قالىدىغان مەڭگۈلۈك جەھەننەم ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.
زىيان ئاز ۋە ئاسان ئەمەس، بەلكى ئۇ كاتتىدۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:{وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ } تەرجىمىسى: «كىمكى ئىسلامدىن غەيرى دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر».[سۈرە ئال ئىمران 85-ئايەت].
ئىسلام بولسا دىنلار ئارىسىدا ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلىدىغان بىردىن بىر دىندۇر.
بىزنى ئاللاھ تائالا ياراتتى، بىز يەنە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىمىز، بۇ دۇنيا بولسا بىز ئۈچۈن ئىمتىھان-سىناق دۇنياسىدۇر.
ئىنسان شۇنداق ئىشەنچىدە بولىشى كېرەككى! ھەقىقەتەن بۇ دۇنيا چۈشكە ئوخشاش بەك قىسقا بولۇپ، ھېچ كىشى ئۆزىنىڭ قاچان ۋاپات بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
قىيامەت كۈنى سىزدىن ياراتقۇچىڭىز ئاللاھ: نېمە ئۈچۈن ھەقكە ئەگەشمىدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىگە ئەگەشمىدىڭ؟ دەپ سورىسا سىزنىڭ ئاللاھ تائالاغا بېرىدىغان جاۋابىڭىز نېمە بولىدۇ؟.
رەببىڭىز سىزنى: مۇسۇلمان بولۇپ تۇرۇپ كۇپىرغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ، كاپىرلارنىڭ ئاقىۋېتى دوزاختا ئەبەدى قىلىش دەپ خەۋەر بەرگەن تۇرسا، سىز قىيامەت كۈنى رەببىڭىزگە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىسىز؟.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ﴾ تەرجىمىسى: «كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ».[2: 39]. [سۈرە بەقەرە 39-ئايەت].
ئاللاھ تائالا بىزگە ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن ئەنسىرەپ ئىسلامغا كېرىشتىن قورقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان ياكى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ، ئادەت ۋە جەمئىيەتتىن ئېرىشكەن خاتا ئېتىقادلىرىنى ئۆزگەرتىشكە رىغبىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر تەرەپبازلىق ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن مىراس قالغان باتىل قاراشلار ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا كېرىشتىن چەكلەپ قويىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۈزۈر قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قىلمىشىغا دەلىل-ئىسپات بولمىغان ھالەتتە تۇرىدۇ.
دىنسىز مەن ئۆزۈمنىڭ دىنسىزلىقىمدا قالىمەن، مەن دىنسىز ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتلدىم دېيىشى ئۈزۈر بولالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا لازىم بولىدىغىنى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان ئەقىلنى ئىشلىتىشتۇر. ئاسمان ۋە زېمىننىڭ كاتتىلىقى توغرىسىدا ئويلىنىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، بۇ بۈيۈك كائىناتنىڭ ھەقىقىتىنى تېپىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئەقىل بىلەن تەپەككۈر قىلىشتۇر. شۇنىڭدەك، تاش-چالمىلارغا، بۇت-ھەيكەللەرگە چوقۇنىدىغان كىشىنىڭمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئەگەشكەن ئېدۇق دېيىشى ئۈزۈر بولالمايدۇ، بەلكى ئۇلارمۇ ھەقىقەتنى ئىزدىشى، ئۆزىدىن: مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىمايدىغان، مېنى كۆرمەيدىغان، ماڭا ھېچ نەرسە بىلەن پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان جانسىز نەرسىگە قانداق ئىبادەت قىلىمەن؟ دەپ سوراپ بېقىشى كېرەك.
شۇنىڭدەك، ئۆزىنىڭ تەبىئىتى ۋە ئەقلىگە زىت بولغان ئىشلارغا ئىشىنىدىغان خىرىستىئانمۇ ئۆزىدىن: رەببىمىز نېمە ئۈچۈن باشقا ئىنسانلارنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ھېچ قانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان بالىسىنى ئۆلتۈرىدۇ؟، بۇ كاتتا زۇلۇم ئەمەسمۇ؟ ئىنسان قانداقمۇ ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ دارغا ئاسىدۇ؟، رەببىمىز ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلماستىن ئىنسانلارنىڭ خاتالىقلىرىنى، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟، رەببىمىز ئۆزىنىڭ ئوغلىنى مۇداپىئە قىلىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟!. دەپ سوراپ بىقىشى كېرەك.
ئەقىللىق كىشى ئۈچۈن: ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىسىنىڭ باتىل ئېتىقادلىرىغا ئەگەشمەستىن ھەقىقەتكە ئەگىشىشى ۋاجىپ بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿وَإِذَا قِیلَ لَهُمۡ تَعَالَوۡا۟ إِلَىٰ مَاۤ أَنزَلَ ٱللَّهُ وَإِلَى ٱلرَّسُولِ قَالُوا۟ حَسۡبُنَا مَا وَجَدۡنَا عَلَیۡهِ ءَابَاۤءَنَاۤۚ أَوَلَوۡ كَانَ ءَابَاۤؤُهُمۡ لَا یَعۡلَمُونَ شَیۡـࣰٔا وَلَا یَهۡتَدُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ (يەنىلا ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەمەل قىلامدۇ؟)».[سۈرە مائىدە 104-ئايەت].
ئەگەر مۇسۇلمان بولسا ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ئەنسىرەيدىغان كىشى، ئەگەر مۇمكىن بولسا، مۇسۇلمان بولۇپ ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىسلامىنى ئاشكارا قىلىدىغان، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان شارائىتلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنگە قەدەر ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى مەخپى تۇتسا بولىدۇ.
سىزگە ۋاجىپ بولغىنى تىزدىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتۇر، لېكىن سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشىڭىز ياكى ئاشكارا قىلىشىڭىز زىيانلىق بولسا بۇنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ۋاجىپ بولمايدۇ.
شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئەگەر سىز مۇسۇلمان بولسىڭىز سىزنىڭ مىليۇنلىغان مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىڭىز بولىدۇ، سىزنىڭ ئۇلار بىلەن شەھرىڭىزدىكى مەسچىتلەر ۋە ئىسلام مەركەزلىرىدە ئالاقە قىلىشىڭىز مۇمكىن بولىدۇ، ئۇلاردىن مەسلىھەت، ياردەم تەلەپ قىلسىڭىز ئۇلار سىزگە مەسلىھەت بېرىدۇ ۋە ھەر تەرەپتىن ياردەم قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِب} تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ».[سۈرە تەغابۇن 2-3-ئايەتلەر].
سىزگە بارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، سىز ئانىڭىزنىڭ قارنىدا تۆرەلمە ھالىتىدە سىزنى رىزىقلاندۇرغان، ھازىرنىڭ ئۆزىدە سۈمۈرۈپ كېلىۋاتقان ساپ ھاۋانى رىزىق قىلىپ بەرگەن ياراتقۇچىڭىز بولغان ئاللاھنى رازى قىلىش ئىنسانلارنىڭ سىزدىن رازى بولىشىدىن مۇھىم ئەمەسمۇ؟!.
دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىش، يوقالغۇچى ھاياتنىڭ خوشاللىقىغا ئەرزىمەيدىغان نەرسىنى قۇربان بېرىشكە لايىق ئەمەسمۇ؟، ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئەلۋەتتە لايىق.
سىزنى خاتا يۆلۈنۈشتىن قايتىشىڭىزدىن ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان ئۆتكەن زاماننى چاقىرماڭ!.
بۈگۈن ھەقىقى مۆمىن بولۇڭ، شەيتاننىڭ سىزنى ھەق يولدىن چەكلەپ قويۇشىغا يول قويماڭ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمْ بُرْهَانٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَأَنزلْنَا إِلَيْكُمْ نُورًا مُبِينًا (174) «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (شانلىق مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت) ئوچۇق دەلىل كەلدى، سىلەرگە روشەن نۇرنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق».فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَاعْتَصَمُوا بِهِ فَسَيُدْخِلُهُمْ فِي رَحْمَةٍ مِنْهُ وَفَضْلٍ وَيَهْدِيهِمْ إِلَيْهِ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا (175) } «ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئانغا) چىڭ يېپىشقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىگە ۋە نېمىتىگە (يەنى جەننىتىگە) داخىل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ».[سۈرە نىسا 174-175-ئايەتلەر].
ئەگەر بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى قايىل قىلغان بولسا، ھەمدە قەلبىڭىزدە ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مۇسۇلمان بولۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىشىڭىز كېرەك. سېزنى قانداق قىلىپ مۇسۇلمان بولۇشقا يېتەكلەيدىغان، سېزنىڭ ھاياتىڭىزدا ئەڭ ياخشى قارار ئالىدىغانغا مېنىڭ ياردەم بېرىشىمنى خالامسىز؟.
سىزنىڭ خاتالىقلىرىڭىز سىزنى ئىسلام دىنىغا كېرىشتىن چەكلەپ قويمىسۇن، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە ئەگەر ئىنسان مۇسۇلمان بولۇپ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ ياراتقۇچىسىغا تەۋبە قىلسا، ئۇنىڭ بارلىق خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى، ھەتتا سىز مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنمۇ تەبىئىيكى بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلىشىڭىز مۇمكىن، بىز ئىنسان خاتالىقتىن ساقلانغان پەرىشتە ئەمەس، لېكىن بىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنى ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىش، ئاللاھ تائالا سىزدىن سىزنىڭ ھەقنى قوبۇل قىلىشقا ماڭغانلىقىڭىزنى، ئىسلام دىنىغا كېرىپ، ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقانلىقىڭىزنى كۆرسە، ئەلبەتتە ئاللاھ تائالا سىزنىڭ باشقا گۇناھلارنىمۇ تەرك قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا يۈزلەنگەن، ھەقنى قوبۇل قىلغان كىشىنى ئاللاھ تائالا نۇرغۇن ياخشىلىقلارغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، سىز ئىككىلەنمەستىن ھازىرلا ئىسلام دىنىغا كېرىڭ.
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى بۇنىڭ دەلىلىدۇر:﴿قُل لِّلَّذِینَ كَفَرُوۤا۟ إِن یَنتَهُوا۟ یُغۡفَرۡ لَهُم مَّا قَدۡ سَلَفَ﴾ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».[سۈرە تەۋبە 38-ئايەت].
مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئىشى ئاسان، ئۇ بىرەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ياكى رەسمىيەت ئۆتەش ياكى مەلۇم كىشىلەرنىڭ ھازىر بولىشىغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. ئىنسان پەقەت ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى چۈشىنىپ، مەنىسىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تۇرۇپ دېسە بولىدۇ. يەنى بىر ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دەيدۇ. ئەگەر بۇ سۆزنى ئەرەپچە دېيىش ئاسان بولسا، ئەرەپچە دېيىش ياخشى بولىدۇ. ئەگەر ئەرەپچە دېيىش قېيىن بولسا، بۇ سۆزنى ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن دېسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان بولىدۇ. ئاندىن كېيىن سىزگە دۇنيادا بەخت-سائادىتىڭىزنىڭ مەنبەسى، ئاخىرەتتە نىجاتلىقىڭىز بولغان دىنىڭىزنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۈگىنىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.
ئىسلام دىنى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى تور بەتكە قاراپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز:
دۇنيا تىللىرىدا قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرىنىڭ ئۇلانمىسى
ئىسلامنى قانداق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئۈگىنىش ئۈچۈن سىزنى بۇ تور سەھىپىسىنى زىيارەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز:
مېنى كىم ياراتتى؟ نېمە ئۈچۈن؟.ھەممە نەرسە ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا بارچە ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاكتۇر.
ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاك ۋە يۈكسەك رەب تەئالانىڭ سۈپەتلىرى.
ئىبادەتكە لايىق رەببىمىز چوقۇم كەمالى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر.
ياراتقۇچى زاتنىڭ بىزنى ۋەھىيسىز تاشلاپ قويۇشى ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ؟.
نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى كۆپ؟
ئىنسان بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتمىغۇچە مۆمىن بولمايدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى ئېتىقادى قانداق؟.
مۇسۇلمان بولۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟.
ئىسلام دىنىغا كىرسەم نېمە پايدىغا ئېرىشىمەن؟.
ئەگەر ئىسلام دىنىغا كىرىشنى رەت قىلسام قانداق زىيانغا ئۇچرايمەن؟.
ھەقىقەتنى تەرك قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىغا ئەگەشكەن كىشى ئۈچۈن ئۈزۈر قوبۇل قىلىنمايدۇ.