×

‫ئىسلام ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ دىنىدۇر.

ئىسلام دېگەن كائىناتنى ياراتقۇچى، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا تەسلىم بولۇش، بويسۇنۇش، ئۇنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئىسلام ئۇ؛ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھدىن باشقا ھەممە نەرسە يارىتىلغۇچى مەخلۇقتۇر، ئاللاھ تائالا يالغۇزلا ئىبادەتكە لايىقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل ئىسىم ۋە ئالى سۈپەتلەر باردۇر، ھېچ كەمچىلىكى يوق مۇتلەق مۇكەممەللىك ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ تائالا بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ، ئۇنىڭ ھېچ ئوخشىشى يوقتۇر. ئۇ ئۆز مەخلۇقاتلىرىدىن بولغان ھېچ نەرسىدە گەۋدىلەنمەيدۇ ۋە شەكىللەنمەيدۇ.

ئىسلام بولسا ئاللاھنىڭ دىنى بولۇپ ئاللاھ ئىنسانلاردىن ئىسلامنىڭ غەيرىدىكى باشقا بىر دىننى قوبۇل قىلمايدۇ. ئىسلام بولسا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىلىپ كەلگەن دىنىدۇر.

ئىسلامنىڭ ئاساسى بولسا، بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇيرۇق -چەكلىمىلىرىنى بەندىلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، ئۇلارغا كىتاپلارنى نازىل قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئاخىرىقى ئىلاھى شەرىئەت بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئاللاھ تائالا ئۇنى كاتتا مۆجىزىلەر بىلەن كۇچلاندۇردى. ئۇ مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇقەددەس كىتاپتۇر. ئۇنىڭ مەنىسى لەپزى ۋە ئۆز ئېچىگە ئالغان مەزمۇنىمۇ مۆجىزىدۇر. قۇرئان كەرىمدە ھەقىقەتكە يەتكۇزىدىغان ھىدايەت، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ بەخت-سائادىتىگە يەتكۈزىدىغان سائادەت مەۋجۇتتۇر. قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنغان ئەرەپ تىلى بويۇنچە قىيامەتكىچە مۇھاپىزەت قىلىنغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن بىر ھەرپمۇ ئالماشتۇرۇلمايدۇ، ئۆزگەرتىلمەيدۇ، كەم-زىيادە قىلىنمايدۇ.

ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن: ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق پەرىشتىلىرىگە ئىشىنىش ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قىلغان ئەمىلىگە كۆرە ھېساب ئېلىش ئۈچۈن قەبرىلىدىن تېرىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، كىمىكى مۆمىن بولۇپ ياخشى ئەمەل قىلغان بولسا ئۇ جەننەتتە دائىملىق نېمەتلەرگە نائىل بولىدۇ. كىمىكى كاپىر بولۇپ يامان ئىش قىلغان بولسا ئۇ دوزاختا دەھشەتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىققا ئىشىنىشتۇر.

مۇسۇلمانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا تەڭداشسىز زات بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىسى بولىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئاللاھ بىزگە قۇرئان كەرىمدە: ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ كۆپ مۆجىزە ئاتا قىلغان بىر پەيغەمبەر ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆز قەۋمىنى ھېچ شېرىكى بولمىغان يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. ئاللاھ تائالا بىزگە شۇنى خەۋەر بەردىكى، ئىسا ئەلەيھىسسالام ھېچ ئىنساندىن ئۆزىگە چوقۇنۇشنى تەلەپ قىلمىغان، بەلكى ئۆزىمۇ يەككە-يىگانە ياراتقۇچى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتى.

ئىسلام بولسا ساغلام ئەقىل ۋە توغرا تەبىئەتكە مۇۋاپىق دىندۇر، ساغلام ئىنسان ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇنى ھەممىنى ياراتقۇچى كاتتا ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن يولغا قويدى. ئىسلام بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە بەخت-سائادەت دىنىدۇر. ئىسلامدا ئىرقى ئايرىمىچىلىق ، رەڭ ئايرىمىچىقىلى يوقتۇر. ئىسلام دىنىدا ئىنسانلار ئوخشاش-باراۋەردۇر، بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىدىن قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ۋە تەقۋادارلىقىدىن باشقا ئارتۇقچىلىقى بولمايدۇ.

ھەرقانداق ئەقىل ئىگىسى ئىنسانغا ئاللاھ تائالانى رەببىم دەپ، ئىسلامنى دىنىم دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبىرىم دەپ ئىشىنىش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ ئىشتا ئىنسان ئۈچۈن ئىختىيارلىق يوقتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇ ئىنساندىن پەيغەمبەرلەرنىڭ چاقىرىقىغا قانداق ئىجابەت قىلغانلىقىنى سورايدۇ. ئەگەر مۆمىن بولسا ئۇ كىشى ئۈچۈن نىجاتلىق ۋە كاتتا ئۇتۇق باردۇر. ئەگەر كاپىر بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوپ-ئوچۇق زىيان مەۋجۇتتۇر.

ئىسلام دىنىغا كىرىشنى مەقسەت قىلغان كىشى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ دېيىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىسلامنىڭ باشقا تەلىماتلىرىنى تەدرىجى ئۈگىنىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن byenah.com بۇ تور سەھىپىسىنى زىيارەت قىلىڭ.

‫ئىسلام ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ دىنىدۇر.

معلومات المادة باللغة العربية