Description
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 2/8/1430ھـ 2009-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق ۋە ئېھسان قىلىشنىڭ پەزىلىتى، ئىنسان ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەرىكىتى، رەھمىتى ۋە رازىلىقنى قولغا كەلتۈرسە، ئۇلارغا ئازار بېرىش ۋە پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلماسلىق بىلەن ئاللاھنىڭ غەرىپى ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش تائەت-ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر
ئۇيغۇرچە-الأويغورية]-uyghur]
پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇراھمان ئەلھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
2009 - 1430
﴿بر الوالدين﴾
«باللغة الأويغورية»
فضيلة الشيخ علي بن عبد الرحمن الحذيفي
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: ن. تمكيني
حقوق الطبع والنشر لكل مسلم
2009 - 1430
ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش تائەت-ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر
2009-يىلى 07- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ئاللاھنىڭ چەكسىز نېمەتلىرىنى ياد ئېتىپ نېمەت ئاتا قىلغۇچى ئاللاھ تالاغا تەشەككۈر ئېيتىپ چەكلەنگەن ئىشلاردىن قول ئۈزۈش، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش تائەت-ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىن " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ ساۋابىغا ئېرىشىش ئارقىلىق ئۇتۇق قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سىلەرگە پەرز قىلىپ بېكىتكەن ھەق- ھوقۇقلىرىنى بايان قىلىپ بەردى. بۇ ھەقنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئاللاھنىڭ ھەققى بولۇپ، ئۇ بولسا ئاللاھنى يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش بىلەن شېرىكنى تاشلاش ۋە شېرىكنىڭ ھەممە تۈرلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇش ئۈچۈن ئەمەل قىلىشتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ھەققى بولۇپ، ئۇ بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈش، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، چەكلىگەن ئىشلىرىنى تەرك قىلىش، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن ئىخلاس، سەمىمىيەتلىك ۋە ئىشەنچ بىلەن ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش بولۇپ، بۇ ئوپ-ئوچۇق ئۇتۇق قازىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەممە ئىشتا مۇسۇلمانلارغا ئۈلگە قىلىپ مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر،...» سۈرە ئەھزاپ 6-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. يەنە بىر ئايەتتە: «سىلەرگە - ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە - رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۆلگىدۇر» سۈرە ئەھزاپ 21-ئايەت.
ئى مۇسۇلمانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ دۇنياغا كىلىشىڭلارغا سەۋەپ بولغان، كۆيۈنىدىغان، كىچىكلىكىڭلاردىن تارتىپ تا ئۇلاردىن ئايرىلغىچە ياكى ئۇلار سىلەردىن ئايرىلغىچە سىلەرنىڭ راھىتىڭلار ئۈچۈن جاپا چەككەن، بەختىڭلار ئۈچۈن تىرىشقان، ياخشى ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ ياخشى بولىشى ئۈچۈن ئۆز نەپسىدىن كەچكەن، مۇكەممەل يىتىلىشىڭلار ئۈچۈن كىچىكلىكىڭلاردىن تارتىپ كۆڭۈل بۆلگەن، خۇرسەنلىكىڭلار ئۈچۈن غەم-قايغۇلىرىڭلارنى تۈگىتىشكە ئالدىرىغان، باشقىلارغا تەلمۈرۈپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن بارلىق ماللىرىنى سەرپ قىلغان، دىندا ۋە ئەدەپ-ئەخلاقتا كامالەتكە يېتىشىڭلار ئۈچۈن تەلىم ئېلىشقا تۈرتكە بولغان، دۇنيادا ئالى نەتىجىلەرگە ئېرىشىش يولۇڭلارنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن سىلەرگە مۇۋاپىق مۇھىت ۋە شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن ئاتا-ئانىلىرىڭلارنىڭ ھەققىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن ئارزۇ قىلغان ياخشىلىقتىن نەچچە ھەسسە ئالى بولغان ياخشىلىقنى ئاتا-ئانىسى ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن ئارزۇ قىلىدۇ. ئاتا-ئانا پەرزەنتى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئاللاھدىن ئۇنى بارلىق يامانلىق ۋە قورقۇنچىدىن ساقلىشىنى تىلەيدۇ. ئاللاھنىڭ ھەققىدىن كېيىن ئىنسان ئۈچۈن ئاتا-ئانىنىڭ ھەققىدىنمۇ چوڭراق ھەق ۋە ئارتۇقچىلىق بولمايدۇ. ئىنسان ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ھەرقانچە خەير-ئېھسان قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ ھەققىنى تولۇق رەۋىشتە ئادا قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان ھەققىنىڭ كاتتىلىقىدىن، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىنساننىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققى بىلەن بىرگە بايان قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن. پەرۋەردىگارىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ئەگەر سىلەر ياخشى بولساڭلار (يەنى ئاتا - ئاناڭلارنى قاقشاتقۇچى بولمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ خاتالىقىڭلارنى كەچۈرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلىپ تۇرغۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.» سۈرە ئىسرا 23-24-25-ئايەتلەر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنى قۇللۇق ھالىتىدىن سېتىۋېلىپ ئازات قىلىۋەتسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلالمايدۇ.» مۇسلىم رىۋايىتى.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئاتا-ئانىنىڭ ھەققىنى ئۆزىنىڭ ھەققى بىلەن بىرگە بايان قىلدى. بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ھەدىسلەردە بايان قىلدى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەل قايسى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دېسەم، ئۇ: ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلش دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دېسەم، ئۇ: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش دېدى. ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش جەننەتكە كېرىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاتا-ئانىسى ياشانغاندا ياخشى قارىماي جەننەتكە كېرىشتىن مەھرۇم بولغان كىشى ئەڭ خار-بەختسىز ئىنساندۇر.» مۇسلىم رىۋايىتى.
ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن: ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش، سەدىقە قىلىش، ئۇلار ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا ئۇلار ئۈچۈن ھەج-ئۆمرە قىلىش، ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىنى يوقلاش قاتارلىقلاردۇر. ئەبى ئۇسەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى: يا رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىدىغان ياخشىلىق بارمۇ؟ دەپ سورىغانتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە-بار، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلغىن، كەچۈرۈم تەلەپ قىلغىن، ۋەسىيەتلىرىنى ئادا قىلغىن، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلىغىن، دوستلىرىنى ھۆرمەت قىلغىن» دېدى. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان.
ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش يولىدا ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش توغرا ئەمەس»دېگەن. ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش بولسا بەرىكەت، گۈللىنىش، پاكلىنىش، ئاقىۋىتى ياخشى بولۇش، بەختلىك بولۇش ۋە جۈملىدىن دۇنيا-ئاخىرەتتە نەتىجە قازىنىشتۇر.
ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش كېيىنكى ئەۋلاتلاردىمۇ داۋاملىشىدۇ،(يەنى بىز ئاتا-ئانىمىزغا ياخشىلىق قىلساق، ئەۋلاتلىرىمىزمۇ بىزگە ياخشىلىق قىلىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئېھسان ۋە سىلە-رەھىم، ھۆرمەت-ئېھتىرامىمىزنى كۆرىدۇ-دە، كىچىكىدىنلا بۇ بۈيۈك ئەخلاق قەلبىدە ئورۇن ئالىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز ئاتا-ئانىمىزغا قىلغىنىمىزنى ياخشىلىق بولسۇن ياكى يامانلىق بولسۇن، ئۇنىڭ جاۋابىنى ھاياتلىقىمىزدىلا ئاللاھ كۆرسىتىدۇ.) ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ قەلبىنى ئېچىۋېتىدۇ، ئىشلىرىنى ئاسان قىلىدۇ، مېھرىبانلىق قىلىدۇ، بارلىق ياخشىلىق ئىشىكلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ، ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن ساقلايدۇ. ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئەكسى ئۇلارنى قاقشىتىش بولۇپ، بۇ ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلىشتۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھەققى بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ ھەققىنى بىرگە قىلغاندەك، شېرىكتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھ بىلەن ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشنىمۇ بىرگە قىلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئەڭ چوڭ گۇناھ؛ ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.» ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشنىڭ جىنايىتى كاتتا بولغاچقا ئاللاھنىڭ ئۇنى شېرىكتىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ گۇناھ بىلەن بىرگە كەلتۈرگەنلىكىگە قاراپ باقايلى. ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش دېگەنلىك: ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشىماسلىق، ھەققىنى ئادا قىلىشقا سەل قاراش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك، ئۇلار ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش، زۇلۇم قىلىش، ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىش، يوقلىماسلىق، خەير-ئېھسان قىلماسلىق، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈش، ھايات ۋاقتىدا ياكى ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلماسلىق، نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماسلىق، قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئۇنتۇش، بولۇپمۇ نامازغا ۋە توغرا يولدا مېڭىشقا بۇيرىسا بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش ئەڭ چوڭ جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش شۇملۇق، يامانلىق، ھالاكەت، بەرىكەتنى يوق قىلىش، دۇنيالىق ئىشلىرىدا قىيىنچىلىققا ئۇچراش ۋە ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولۇش بولۇپ ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقانلارنى ئەۋلادلىرىمۇ قاقشىتىدۇ. (نېمە تېرىساڭ شۇنى ئورايسەن، قازانغا نېمە سالساڭ چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ) ئاتا-ئانىنى قاقشاتقۇچىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ياخشى بولمايدۇ. جەمئىيەتتە يامان ئاتاققا قالىدۇ ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ئاتا-ئانىمىزغا ياخشىلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشكە مۇيەسسەر قىلسۇن. ئامىن...