×
جدبد!

تطبيق موسوعة بيان الإسلام

احصل عليه الآن!

حكم تهنئة المسلمين لبعضهم برأس السنة الميلادية (أيغوري)

إعداد: ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى

الوصف

فتوى مترجمة إلى اللغة الأويغورية، عبارة عن سؤال أجاب عنه القسم العلمي بموقع الإسلام سؤال وجواب، ونصه : « هل يجوز للمسلمين تبادل التهاني والدعاء لبعضهم البعض في مناسبة رأس السنة الميلادية الجديدة ؟ بالطبع إنهم يفعلون ذلك لا عن نية الاحتفال به ».

تنزيل الكتاب

    يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا تەبرىكلىشىشىنىڭ ھۆكمى

    حكم تهنئة المسلمين لبعضهم برأس السنة الميلادية

    < الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur >

    ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى

    القسم العلمي بموقع الإسلام سؤال وجواب

    —™

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا تەبرىكلىشىشىنىڭ ھۆكمى

    177460-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا تەبرىكلىشىشى توغرا بولامدۇ؟، ئۇلار بايرام ئۆتكۈزۈش مەقسىدى بىلەن ئەمەس بەلكى شۇنداقلا تەبرىكلەپ قويىدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا تەبرىكلىشىشى ۋە بايرام ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەردە بولىشى توغرا بولمايدۇ، شۇنداقلا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايرام قىلىشىمۇ توغرا ئەمەس. بۇنداق قىلىش كاپىرلارغا ئوخشاپ قالغانلىق ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز دىنىمىزدا چەكلەنگەندۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «كىمكى غەيرى دىندىكى كىشىلەرگە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ كىشى شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 4031-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    شۇنداقلا ھەر يىلى تەكرارلىنىدىغان بىر كۈننى تەبرىكلەش بولسا، مەزكۇر كۈننى بايرام قىلىپ-پائالىيەت ئۆتكۈزگەننىڭ مەنىسىدە بولۇپ، ئۇ چەكلەنگەن ئىشلار تۈرىگە كېرىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

    تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

    معلومات المادة باللغة الأصلية